ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغان
2020.01.13
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى ئەلىس ۋېلس خانىم ئۆتكەن ھەپتە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا تاجىكىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەلىس ۋېلسنىڭ تاجىكىستان زىيارىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 5 ۋە 6 -يانۋار كۈنلىرى قازاقىستان ھەم ئۆزبېكىستانغا قىلىدىغان زىيارىتى كېچىكتۈرېلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى مايك پومپېيونىڭ قازاقىستاندا توختاپ ئاندىن تاشكەنت شەھرىدە ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ «5 پىلۇس 1» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، پومپېيونىڭ زىيارىتى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ زىيارەت پىلانى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.
«ئازادلىق رادىيوسى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلىس ۋېلسنىڭ تاجىكىستان زىيارىتى 6- ۋە 7 -يانۋار كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دۈشەنبىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادى پۇرسەتلەرنى كېڭەيتىش، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئۈندىگەن. ئۇنىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرا-قويغان ياكى قويمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئەلىس ۋەللس: «بىز ئاخبارات مۇستەقىللىقى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.
ئەلىس ۋېلس بۇ زىيارىتىدە يەنە تاجىكىستاننىڭ ئافغان چېگراسىدىكى پەنجى چېگرا قاراۋۇلخانىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ «ئازادلىق رادىيو»سىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تاجىكىستانغا 200 مىليون دوللار بىخەتەرلىك ياردىمى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاننى رايون ياكى دۇنيادىكى تېررورلۇقنىڭ بازىسى قىلىپ قوللىنىشقا يول قويمايدىغانكلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەلىس ۋېلس بۇ سەپىرىدە تاجىكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان.