ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.14

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بۈگۈنگىچە بىر قېتىمدىلا كۆپ ساندىكى خىتاي شىركىتىنى جازالىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە قوشۇلغان خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم كان بايلىقلىرىنى ئاچىدىغان ھەم پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان داڭلىق شىركەتلەر، «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەر، شۇنداقلا كۈنتاختىلارغا ئىشلىتىلىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئاخباراتتا، بۇ 37 شىركەتنىڭ ئىسمى تولۇق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «خۇافۇ كىيىم-كېچەكلىرى شىركىتى، دۇڭخەي كۈنتاختا تېخنىكا شىركىتى، خۇڭيۈەن يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلار دۇنياغا تونۇلغان شىركەتلەر ئىكەن. يۇقىرىقى شىركەتلەر خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ سانى 144 كە يەتكەن.

 ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە چەكلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى 150 كە يېقىنلاپ قالدى. مانا بۇلار، مەجبۇرىي ئەمگەك زوراۋانلىقى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنداقلا ئەركىنلىك ۋە ئادىل رىقابەتنى قوغداۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.