ماكرون: «ياۋروپا چوقۇم ئامېرىكانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش بېسىمىغا تىرەجىشى كېرەك»

ئۆتكەن ھەپتە خىتايى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ياۋروپا چوقۇم ئامېرىكاغا ئەگەشمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماكروننىڭ ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە قىلىۋاتقان خىرىسى، رۇسىيەگە ياردەم بېرىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا كەڭ بىرلىكسەپ قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنتى ماكرون 9-ئاپرېل خىتاي زىيارىتىنى ئ‍اخىرلاشتۇرۇپ فىرانسىيەگە قايتىش سەپىرىدە، ياۋروپانىڭ چوقۇم ئامېرىكاغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشى ھەم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشىغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ياۋروپا دۇچ كېلىدىغان ئ‍ەڭ چوڭ خەتەر ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە بەرپا قىلىشىغا كاشىلا بولىدىغان بىر كرىزىسقا پېتىپ قېلىشى» ئىكەن. خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ماكروننىڭ ياۋروپانى ئامېرىكادىن ئايرىم 3-بىر كۈچ قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە ئۇقۇمىنى ناھايىتى قىزغىن قوللاپ كەلگەن. ماكرون: «بۇ يەردىكى زىددىيەت ۋەھىمىنى يېڭىش مەسىلىسىدۇر، بىز پەقەت ئامېرىكانىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىكەنلىكىمىزگىلا ئىشىنىپ قالىمىز» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن كرىزىسىنى كۈچەيتىش بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىقمۇ، دېگەن سوئال ياۋروپا جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال بولۇپ، بۇ مەسىلىسىدە «ياۋروپالىقلارنىڭ ئامېرىكاغا ئەگىشىشى، ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك، دەپ قارىشى ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىشى تېخىمۇ يامان» ئىكەن.

ماكرون بۇ سۆزلەرنى قىلىپ خىتايدىن ئايرىلىشىغا خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كەۋىن مىككارتىي بىلەن كۆرۈشۈشى، شۇنداقلا ئوخشاش ۋاقىتتا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مىككائۇلنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان. مايكېل مىككائۇل «فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئارىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.