ئامېرىكانىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن
2024.08.14
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى تىپتىكى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى خىتاينىڭ ھاۋادىن ئوق ئېتىش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى بىتچىت قىلالايدىكەن.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» 14-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ رېيتىيون شىركىتى (Raytheon) تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ بار ئىكەن. ئامېرىكا ئۇنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان ئەڭ ئۇزۇن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھېسابلىنىدىكەن.
AIM-174B تىپلىق بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا يېتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى AIM 120 AMRAAM تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى يېتەلەيدىغان 150 كىلومېتىرلىق نىشاندىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن ھەمدە خىتاينىڭ PL-15 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئامېرىكانىڭ ھەم ئاۋسترالىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى تەڭلا ئىشلىتەلەيدىكەن، شۇنداقلا بۇ ئايروپىلانلار ئاۋىياماتكىدىن يىراقلاشقان ھالەتتىمۇ خىتاينىڭ ھالقىلىق نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىكەن.
تەيۋەنلىك ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرلىكى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىتىنى ئازايتالايدىكەن. چۈنكى ئىلگىرى خىتاينىڭ كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرى بىلەن 250 كىلومېتىر نىشانغا يېتىدىغان PL-15 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكاغا خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسا، خىتاي ئۈچۈن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئىشەنچىنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.