ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.11

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس(Nicholas Burns) 11-سېنتەبىر كۈنى تىۋېتتر، يەنى ھازىرقى X دا ئۇچۇر يوللاپ، گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

نىكۇلاس بۇرنىس X دا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دەيدۇ: «9-ئاينىڭ 11-كۈنى دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتۇلغىنىغا 5 يىل بولىدۇ. ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى، بۇنداق جازا ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى دوختۇر گۈلشەن ئابباس، شۇنداقلا مىللىتى ۋە دىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» .

 دوختۇر گۈلشەن ئابباس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى بولۇپ، 2018-يىلى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى، 2020-يىلى 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلشەن ئابباسنىڭ دېلوسىدىمۇ باشقا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلولىرىغا ئوخشاشلا قانۇنىي تەرتىپكە، تۇتقۇنلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىغان. بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى گۈلشەن ئابباس قاتارلىق كىشىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.