ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى فىلىپپىن پاراخوتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن
2024.08.27
«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدە خىتاي دېڭىز چارلاش قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان فىلىپپىن بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
«مانېلا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 27-ئاۋغۇستتا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قوماندانى ساميۇل پاپارو (Samuel Paparo) بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى شۇ كۈنى چاقىرىلغان ئامېرىكا-فىلىپپىن ھەربىي سۆھبىتىدە ئىپادىلىگەن. «ئامېرىكا ئارمىيەسى فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ يېمەكلىك ۋە باشقا خام ئەشيالارنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىن ئارمىيەسىگە توشۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا قارىتا، ئادمىرال ساميول «ئەلۋەتتە» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال رومېيو براۋنېر (Romeo Brawner) بۇ مەسىلىدە فىلىپپىن ئاساسىي قانۇنىدىكى «چەت ئەل كۈچلىرىنى ئىچكى قىسىمدىكى تالاش-تارتىشقا چىللاپ كەلمەسلىك» دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىش كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئايلاردا فىلىپپىن بېلىقچىلىق كېمىلىرى كۆپ قېتىملاپ خىتاي دېڭىز چارلاش قىسىملىرى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. بۇ جەرياندا فىلىپپىن تەرەپنىڭ پاراخوتلىرى ئېغىز زەخمەتكە ئۇچراش، بېلىقچىلار يارىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن. بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا بىنائەن ئامېرىكا تەرەپتىن ياردەم سوراشنى جىددىي ئويلىشىشقا ئۆتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى پۈتكۈل دېڭىز بوشلۇقىنى «بىزگە تەۋە تېررىتورىيە» دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل دېڭىز زومىگەرلىكى فىلىپپىن، مالايسىيا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ كەلگەن.