ئامېرىكا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، خىتايغا قارىتا مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.09

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئائۇستىن لىلويد خىتايغا بولغان ئورتاق ئەندىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلىق بومباردىمانچى ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا، قۇرۇقلىق ۋە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ قەرەللىك نۆۋەت ئالمىشىشى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئائۇستىن لىلويد 6-دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مەسلىھەتلىشىش سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ «ياپونىيەنىمۇ ئاسترالىيەدىكى قىسىملىرىمىز بىلەن بىرلىشىشكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

6-دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 32-قېتىملىق ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مەسلىھەتلىشىش سۆھبىتىگە ئائۇستىن لىلويد ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى رىچارد مارلېس بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پانىي ۋوڭمۇ قاتناشقان. لېكىن CNN نىڭ ئېيتىشىچە، ئائۇستىن لىلويد، قىسىملارنىڭ ئالمىشىشى قاچان كۆپىيىدىغانلىقى ياكى بۇنىڭغا قانچىلىك ئەسكەر، پاراخوت ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئاۇسترالىيە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش تەسسەۋۇرىغا ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەپسۇسكى، بۈگۈن بۇ تەسەۋۋۇر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئارال دۆلەتلىرىگە ۋە شەرقىي ھەم جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ۋە زورلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا» دېگەن.

سىملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئۇچۇر مەنبەسى، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاۋسترالىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 6 دانە يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرىدىغان B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.