ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي خاككېرلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.15

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە 14-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) شۇ كۈنى بىرنەچچە ئاي داۋام قىلغان قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق خىتاي خاككېرلىرى ياساپ چىققان «PlugX» ناملىق ۋىرۇس توپىنى بىتچىت قىلغان.

سوت ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) بىۋاسىتە ئارقا تىرەك بولغان خاككېرلار گۇرۇھى «ياۋا ئات-مۈشۈك ئېيىق»، «پۈرمە تايفون» قاتارلىق ناملاردا شىركەت قۇرغان ھەمدە «PlugX» ۋىرۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى 4200 دىن ئارتۇق كومپيۇتېرغا خاككېرلىق قىلغان. ئۇلار بۇ جەرياندا مەزكۇر ۋىرۇسنى نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، سودا ساھەسى ۋە خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ئورنىتىپ قويغان. ئەمما كومپيۇتېر ئىگىلىرى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇپ، بۇ جەرياندا قانچىلىك ئۇچۇرنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

بىرنەچچە ئايلىق تور بىخەتەرلىكى جېڭىدە بۇ ۋىرۇسلار سوتنىڭ بۇيرۇقى ئاساسىدا ئاشۇ كومپيۇتېرلاردىن پاكىزە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مات ئولسېن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خاككېرلارنى قولغا ئېلىش ۋە جازالاش خىزمىتى داۋام قىلىدىغان بولسىمۇ، مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تور ھۇجۇملىرىنى توسۇشنى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان خىزمەت قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي خاككېرلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە خەلقئارا ساقچى ئورگانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. شۇلار قاتارىدا فىرانسىيە قانۇن سىستېمىسى ۋە فىرانسىيەدىكى بەزى خۇسۇسىي تور بىخەتەرلىكى شىركەتلىرى «PlugX» ۋىرۇسىنى تازىلاشقا يېقىندىن ماسلاشقان. بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتىدە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلار ئاساسەن «ۋىندوۋس (كۆزنەك) » (Windows) كومپيۇتېرلىرى بولۇپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىگە قىلىۋاتقان خىرىسلىرىغا قايتۇرۇلغان بىر قېتىملىق كۈچلۈك زەربە، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.