ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ بوسۇغىسىدا ھەربىي مانېۋىر قىلدى
2024.10.09
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى 7-ئۆكتەبىردە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى باشلىغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا «ساما ساما» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، تاگالوگ تىلىدا «بىرلىكتە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىدىن باشقا ياپونىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىمۇ قاتناشقان. توققۇز كۈنلۈك مانېۋىر ۋاقىت جەھەتتە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن داۋاسىنى ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-فىلوتىنىڭ قوماندانى تود سىمىكاتا (Todd Cimicata) بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ «دۈشمەننى توسۇش مەشقى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىرەر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا خىتايغا قارشى قېتىملىق سىناق بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.
بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ سانى مىڭغا يېقىن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ماھارەت كۆرسەتكەن. مانېۋىر ئورنى بولغان لۇزون (Luzon) شەھىرى بولسا «ئامېرىكا-فىلىپپىن مۇداپىئە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى» بويىچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى فىلىپپىندا قۇرۇپ چىققان توققۇز ھەربىي بازىنىڭ بەشى جايلاشقان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ جايدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك راكېتالىرى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويلىرىغا بىمالال يېتىپ بارالايدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل فىلىپپىن دائىرىلىرىدىن بۇ ھەربىي بازىنى بىكار قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.