ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى «رونالد رېگان» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئاراللارنى «زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشى» غا قارىتا بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن.
ئەخپرەسس تورىنىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى مەزكۇر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى تېررىتورىيە «دەۋاسى» قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زورلۇق قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئەندىشەلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان دائىرىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىشىغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولغان ئىكەن.
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ قەيت قىلىشىچە، «رونالد رېگان» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا ئەۋەتىلىشى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زورلۇق قىلمىشىغا قارشى قىلىنغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز بۇ تالاش-تارتىشلار بولۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇشىنى، بىزنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بىزنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز،» دېگەن.