ئامېرىكا تېخىمۇ قاتتىق سودا بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، خىتايغا مىكرو ئۆزەك (چىپ) تەمىنلەشنى چەكلىدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ مىكرو ئۆزەك تېخنىكىسىنى ھەربىي سانائەتكە ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينى مىكرو ئۆزەك ساھەسىدە تېخىمۇ چەكلەش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان. بۇ بەلگىلىمە بويىچە، توكيو ئېلېكتىرون شىركىتى ۋە ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى باسما شىركىتى (ASML) خىتايغا مەھسۇلات تەمىنلىيەلمەيدىكەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورى 17-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ 1959-يىل تۈزۈلگەن «چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى بەلگىلىمىسى» (FDPR) ئامېرىكانىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت سودىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئەگەر بىر مەھسۇلات ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ياسالغان بولسا، ئەگەر ئۇ چەت ئەلدە ياسالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى سېتىشنى چەكلەش ھوقۇقى بار» دېيىلگەن.

توكيو ئېلېكتىرون شىركىتى بىلەن خاگا ASML شىركىتى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھېسابلانغان ياپونىيە بىلەن گوللاندىيەدىكى شىركەتلەر بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى خېلى مەزگىلدىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى. ئەمدى «چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى بەلگىلىمىسى» گە قوشۇلغان يېڭى ماددىلار ئارقىلىق مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى رەسمىي يوسۇندا چەكلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ASML شىركىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن؛ توكيو ئېلېكتىرون شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ گىئو-سىياسىي مەسىلىگە ئارىلىشىپ قالغۇسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.