ئامېرىكا سېناتورى پۇتىننى «رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرماقچى» دەپ تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-10
Share

ئامېرىكا سېناتورلىرىدىن كرىس مېرفىي ۋە جون ماككېيىن سۆز قىلىپ، ئۇكرائىناغا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىشنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى سېناتور يەنە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككېيىن باياناتىدا «ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋلادىمىر پۇتىننى چۈشىنىش كېرەك،» دەپ كۆرسەتكەن ھەم ئۇنىڭ رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن بولۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ رۇسىيەپەرەس كۈچلەرگە ھەربىي خادىم ۋە قورال-ياراق جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

مىنسك كېلىشىمى بويىچە، رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئېغىر قوراللارنى ئۇرۇش لىنىيىسىدىن يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا تەھدىتى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. ئامېرىكا قاتارلىق ناتو دۆلەتلىرى لىتۋادا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قىسىم تانكا قاتارلىق قوراللارنى يۆتكىگەندىن كېيىن، 10-مارت كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ناتونىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت