خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى يەنىمۇ كۆپەيگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.23

CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ 23-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر سودا تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يۆتكەپ كېتىشنى پىلانلاۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى يەنىمۇ كۆپەيگەن.

ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىتايدىكى يىللىق تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەخمىنەن 30 پىرسەنتى 2024-يىلى ئىچىدە خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش پىلانىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ 2022-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت بولغان 24 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش ۋە ئۇنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە قويۇۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمە سىياسەتلىرى قاتارلىق ئامىللارغا چېتىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان شىركەتلەر ئۈچۈن ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەڭ ئاساسلىق يېڭى مەنزىل بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان شىركەتلەرمۇ 18 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىككى كۈن ئۆتمەيلا، خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى 10 پىرسەنت ئۆستۈرۈش پىلانى بارلىقىنى ۋە بۇ پىلاننىڭ 2-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇندىن ئىلگىرىكى بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا كەڭ دائىرىلىك چەكلىمىلەرنى قويغان ئىدى.

خىتايدىكى راي سىناشقا قاتناشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ رىقابەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.