ئامېرىكا سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا قارىتىلغان ياردەم سالمىقىنى يەنە ئاشۇرىدۇ
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.04.20
2013.04.20
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي جۈمە كۈنى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ياردەم سالمىقىنى يەنە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
17-چېسلا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان بۇ ھەقتىكى بىر يىغىندا كەرىي سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
بلۇمبېرگ تورىدا ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان بىر دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دائىرىلىرى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا يەتكۈزۈدىغان ئەشيالار ئىنسانىي ياردەم، ھەربىي ئاپتوموبىل، كېچىدە كۆرىدىغان دۇربۇن ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەربىي قوراللار يوق ئىكەن.