ئامېرىكا سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشنى ئويلاشماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.01

ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى كەيتلىن ھايدېن سەيشەنبە كۈنى: بىز ھازىر، سۈرىيىدە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش قەدىمى تىزلىتىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىۋاتىمىز، دېدى.

بۇ ھەقتە توختىلىپ، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنىڭمۇ نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ ئەگەر سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاۋام - پۇقراغا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى دەلىللەنسە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا جىددىي ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەگەر شۇنداق بولسا، بىز ھازىر قولىمىزدا بار بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى ئويلىشىمىز.

ئوباما ھۆكۈمىتى مارتتىن باشلاپ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا ھەربىي قورال - ياراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.