ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئىككى يىللىقىدا بايانات ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.09.02

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا قىلچىلىكمۇ ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

مەزكۇر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ب د ت نىڭ دوكلاتىدا «شىنجاڭ رايونىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتىدۇ. بۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن بايانلارنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى تەۋسىيە قىلغان بارلىق بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى تېزدىن قويۇۋېتىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قىيناق، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش قاتارلىق يوللۇق تەلەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى رەت قىلغان.

باياناتتا مۇشۇ ئەھۋاللار ئەسكەرتىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىزچىل زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىدىن بەكلا ئەندىشە قىلىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى باھالىشىغا قارىتا تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە داۋاملىق تۈردە ب د ت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆزلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 31-ئاۋغۇستتا كانادا ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنى توختاتمىغانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.