ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى رەھبىرى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
2025.02.04
ئامېرىكا ئاۋام پالاتانىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتچى رەھبىرى تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى قايتا ئويلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى برائېن ماست (Brain Mast) بىلەن شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان تارماق كومىتېتى رەئىسى يوڭ كىم (Young Kim) نىڭ 31-يانۋار كۈنى تايلاند باش ئەلچىسى سۇرىيا چىن داۋوڭسېغا (Suriya Chindawongse) يازغان مەكتۇپىدا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلىش خەۋپىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، جازالىنىش، قىيىن-قىستاق، ھەتتا ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا ئاگاھلاندۇرۇلۇشىچە، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا كىشىلەرنى خالىغانچە قاماش، كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەركىن ياشىشىنى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى».
برائېن ماست بىلەن يوڭ كىمنىڭ مەكتۇپى، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا يوللانغان. تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇنتام ۋىچاياچا، ئۆتكەن ھەپتە «ئەندىشە قىلماسلىق» نى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا قانۇنلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا رىئايە قىلىپ، مۇساپىرلارنى خەتەرلىك دۆلەتكە قايتۇرماسلىق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئەمما تايلاند باش مىنىستىرى پې توڭتارىن شىناۋاترانىڭ 5-فېۋرال خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، تايلاند-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بېسىمىغا تىز پۈكۈشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. ھالبۇكى، برائېن ماست بىلەن يوڭ كىم، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قانۇنىي ئېنىقسىزلىق ئىچىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى، «ئۇلارغا تۇتقان مۇئامىلە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، تايلاند ئۇزۇندىن بېرى ئاكتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ» ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئامېرىكا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنى بىخەتەر ھەم ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشايدىغان 3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇ ئامېرىكا-تايلاند مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ».