خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن كېلەر يىلى 1-ئايدا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گۇئاتىمالا، ھوندۇراس، سالۋادور، نىكاراگۇئا قاتارلىق تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار 4 دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ سەپەر ئۈستىدە ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسېسكو ۋە خيۇستون شەھەرلىرىدە توختاپ ئۆتۈشنى قارار قىلغان.
ئۇنىڭ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا،«خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتى، خىتاي-ئامېرىكا 3 قوشما ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن رەھبىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقىنى، ‹تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى› گە خاتا سىگنال بەرمەسلىكىنى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېيىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىندا، ئاۋۋالقى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن. ئەمما بۇ خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ترامپ ئۆزىنىڭ سەي يىڭۋېن بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئاقلاپ، «خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئارال ياسىغان، ئىقتىسادى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكىغا زىيان سالغاندا بىزدىن سورىغانمۇ؟» دېگەن ئىدى.