ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى
2016.01.01
31 - دېكابىر كېچىسى دۇنيا خەلقى ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 2016 - يىلنى كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار بولسا شىمالىي ۋىرگىنىيەدىكى بىر كەسپىي بىلىم يۇرتىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى قارشى ئالدى.
يېڭى يىل پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارغا يېڭى يىللىق ئۇتۇق تىلىدى. ئۇ، 2015 - يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «زۇلۇم كۈچەيگەن، ئەمما زۇلۇمغا باش ئەگمىگەن بىل يىل» بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، 2016 - يىلنىڭ ئۇيغۇرلار «تىنچلىق، سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن، زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلگەن بىر يىل» بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىپ، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەن ئىچىدىكى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان، تۈرمىلەردە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق» قا چاقىردى.
بۇ قېتىمقى يېڭى يىل تېررورلۇق گۇرۇھ - دائشنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نيۇ - يورك، ميۇنخېن، لوندون، دۇبەي، موسكۋا، سىدنېي، رېئو دې ژانىرو قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشى نورمال ئۆتكۈزۈلدى.
پەقەت فىرانسىيە پايتەختى پارىژ ۋە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل يوشۇرۇن تېررورلۇق تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى يىللىق ساليوت ئېتىشنى بىكار قىلغان.