ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2016 - يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.05.02


بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2016 - يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

مەلۇمكى، ھەر يىلى 3 - ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» بولۇپ، 1991 - يىلىدىن بۇيان ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ بۇ يىللىق باياناتىغا «ئەركىن ۋە ئوچۇق - ئاشكارا بولغان ئاخباراتچىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا زۆرۈر ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوفنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئاخبارات كونتروللۇقى رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. ھەر قېتىم رايوندا ئۇيغۇرلارغا چېتىلىدىغان زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى بىلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى بارلىق بايانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىسىغا شەرھىلىنىۋاتىدۇ.»

مەزكۇر باياناتتا يەنە 2015 - يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان 49 ژۇرنالىست ئىچىدە 14 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 3 قېرىندىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنداقلا غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلغان پاتىگۈل غولامنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ يېپىق سوتلانغانلىقىدەك بىر قاتار ئەمەلىي پاكىتلار تىلغا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» نى خاتىرىلەش چوڭ يىغىلىشى 2 - مايدىن 4 - مايغىچە فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.