ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارمىيەلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆزئارا «كۈچ كۆرسىتىش» كە باشلىغان

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 10-ماي كۈنى ئىككىنچى ھەربىي پاراخوتىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە ئەۋەتىپ، بىر قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر شەكلىدىكى دېڭىز سەپىرىنى تاماملىغان.

«ئەل جەزىرە» نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 7-فلوتى ئۆزلىرىنىڭ «خان جەمەتى پورتى» ناملىق يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان ھۇجۇمچى پاراخوتىنى تەيۋەن بوغۇزىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، بۇ سەپەرنى «خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرى» دەپ ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ھۇجۇمچى پاراخوتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا كېلىشى، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 18 ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانى 6-ماي كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ماقۇللۇقى بولمىغان ئەھۋالدا تەيۋەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇش ۋە ئۇرۇش مەشقى قىلغاندىن كېيىنگىلا توغرا كەلگەن. خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى باش شىتابى ئامېرىكا ھۇجۇمچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكا مۇشۇ ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىلچى ئۇنسۇرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايىش قىلماقچى» دېگەن.

ۋاشىنگتوندىكى «كارخانا» (Enterprise) ئاقىللار مەركىزىنىڭ خادىمى مايكىل ماززا (Michael Mazza) بۇنىڭ «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» شەكلىدىكى ھەربىي ھەركەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ ھال شۈبھىسىز تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى سەل ‹قىزىتىپ› قويۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرچە بۇ بىرەر خەتەرلىك ئەھۋالدىن بىشارەت ئەمەس،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل قوغلىغۇچى پاراخوتتىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە 62 دانە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىدە 27 دانە بار ئىكەن.