ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون مىككەين: خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى زومىگەرلىك
2017.05.31
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۈكسەك نوپۇزغا ئىگە زاتلاردىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىككەين، خىتاينىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا سەھنىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر خىل زوراۋانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ بۇ سۆزلىرىنى 30-ماي ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تىلغا ئالغان.
خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جون مىككەين ئوچۇق ھالدا مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتىكى خىرىس، خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانسېرى خەلقئارا ئىشلاردا زومىگەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، مەسىلەن، قانۇنىي ئاساسى بولمىغان ھالدا تېررىتورىيە تەلەپ قىلىپ توختىماي باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ؛ سودا ۋە مەبلەغنى قوشنا دۆلەتلەرنى گەپكە كىرگۈزۈشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ.»
مىككەيىن بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، خىتاينى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا يۈزلەندۈرۈش ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەممە دۆلەتلەر ئۈچۈن ئادىل ئىقتىسادىي رىقابەت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيەنى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان. ئامېرىكانىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىككەين ئۆزىنىڭ بۇ تېمىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.