ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.23

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 35-نۆۋەتلىك مۇدىرلار يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ۋە باشقا مەسئۇللاردىن توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، مەمتىمىن قادىر، مۇتەللىپ روزى قاتارلىقلار ئالدىغا چىقىرىپ قويۇلغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېلان قىلغان بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل جازا تەدبىرلىرى قاتارىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاينىڭ تاشقى ئېكسپورتىغا مۇئەييەن دەرىجىدە زەربە بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر قارارنى ئېلىشى بۇ خىل جازا تەدبىرلىرىنىڭ بەلگىلىك رولى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى قارارىمۇ شۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىرى قاتارىدا ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.