خىتاي ئامېرىكىنىڭ «11-سېنتەبىر قانۇنى» غا قارشى چىقتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان «11‏-سېنتەبىر قانۇنى» غا قارشى چىقىرىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنى خەلقئارا قانۇن ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇلماسلىقىنى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 28‏-سېنتەبىر بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان. بۇ قانۇندا 2001‏-يىلدىكى «11‏‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دە قۇربان بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ سەئۈدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا سوتىغا ئەرز قىلىشىنىڭ يولى ئېچىپ بېرىلگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، دۈشەنبە كۈنى تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق «خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق.........خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ پرىنسىپى، خۇسۇسەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقتىكى تۈپ باراۋەرلىك پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىلگىرى بۇ قانۇنغا قارشى چىققان. ئۇ، بۇ قانۇننىڭ باشقىلارغا خاتا ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ قانۇننى 1‏-قېتىم ماقۇللاپ، ئۇنىڭ تەستىقىغا سۇنغاندا تەستىقلاشنى رەت قىلغان ئىدى.

ئەمما دۆلەت مەجلىسى 28‏-سېنتەبىر 2‏-قېتىم ئاۋازغا قويغان. بۇ قېتىم مەجلىس ئەزالىرىنىڭ 3 دەن 2 قىسمى قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. نەتىجىدە، بۇ لايىھە پرېزىدېنتنىڭ تەستىقىسىز قانۇنغا ئايلانغان ئىدى.