ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك پومپيو 26-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە «پارا بېرىش» ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بىر ئىمپېرىيە قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ مەبلىغىدىن ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپيو يۇقىرىقى سۆزنى ئامېرىكىدىكى بىر كونسېرۋاتىپ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى خيۇ خەۋېتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ «خىتاي بىلەن ئادىل ۋە باراۋەر سودا رىقابىتى ئېلىپ بېرىشنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، «خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە قۇرۇلۇش توختاملىرىنى ئېلىشى ئەمەلىيەتتە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقىگە زىيانلىق. پارىغا تايانغان بۇ خىل ئىمپېرىيە قۇرۇلۇشى بۇ دۆلەتلەرگە پايدىسىز،» دېگەن.
مايك پومپيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىقتىسادى پائالىيىتى ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەۋپلىك بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن قارشى تۇرىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە قەرزىدىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇرغان، ئۇلارنىڭ بۇ قەرزنى قايتۇرۇشتا قىينىلىدىغانلىقى، نەتىجىدە بەزى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
پومپيو بۇ سۆزنى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى تازا ئۆتكۈرلەشكەن مەزگىلدە قىلغان. «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى دەيۋىد مالپاس خىتاي تەرەپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستاشتىن ۋاز كەچمىگۈچە ۋە كونكرېت بىر ئىقتىسادى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويمىغىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان.