ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.11.07

2024-يىللىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 47-نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھال «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئورۇن ئالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ سايلام نەتىجىسى مەلۇم بولغاندىن كېيىن «دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكا سىياسىتى ئىزچىل ئۆزگەرمەيدۇ. بىز ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا داۋام قىلىمىز» دېگەن. ئەمما تەيۋەن دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى يۈەن جۈجېڭ سايلام ھارپىسىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھىتىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، خىتاي ئاھالىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا «دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى بىز ئۈچۈن زۇلمەتلىك بىر بوران-چاپقۇندىن بېشارەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى، يالغۇز خىتاي پۇقرالىرىلا ئەمەس، خىتايدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ «ترامپ پىرېزىدېنت بولۇپ قالسا بۇندىن كېيىنكى تۆت يىل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

بولۇپمۇ دونالد ترامپ سايلام رىقابىتى جەريانىدىكى نۇتۇقلىرىدا كۆپ قېتىملاپ ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرىنى ئامېرىكا تەۋەسىگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا ھەسسىلەپ باج قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھال ئۇنىڭ سابىق پىرېزىدېنت بولۇپ خىزمەت قىلغان مەزگىلىدىكى «خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئۇرۇشى» مەسىلىسىنى بۇ قېتىم يېڭىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئاشكارا بېشارەت، دەپ قارالغان. شۇڭا خىتاي ئىقتىسادى لىڭشىپ قېلىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتقا تايىنىپ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بۇنىڭ قاتتىق زەربە بولىدىغانلىقى خىتايلارنى بەكمۇ ئەندىشىگە سالغان. خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى راي سىناش مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتايلارنىڭ «ئامېرىكا ئىزچىل بىزنى قىسماققا ئېلىشنى قەستلەيدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇكنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇ فامىلىلىك خىتاي پىروفېسسورى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر 80 پىرسەنت ئامېرىكا خەلقى خىتاي ھەققىدە سەلبىي قاراشتا. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق رېئاللىق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.