بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىيەدىن «يۇقۇملىنىش»ئىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېنى دېموكراتىيىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى توسۇش ئۈچۈن، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئامېرىكا سايلىمى ھەققىدە نەق مەيدان خەۋىرى بەرمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېڭشىن ۋە ۋاڭيى قاتارلىق مەشھۇر تورلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا سايلىمى ھەققىدە نەق مەيدان خەۋىرى بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ تەنقىد ۋە جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى مەركەزنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تارقىتىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى بۇنىڭدىن ئاۋۋال، ئامېرىكا سايلىمىدىكى سەتچىلىكلەرنى كۆپلەپ ئاشكارىلاش، ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىشنى قاتتىق تەنقىد قىلىش ھەققىدە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەلىمات بەرگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي خەلق گېزىتى «ئامېرىكا سايلىمىدىكى قالايمىقانچىلىق ئامېرىكىنىڭ كېسىلىدىكى ئېغىرلىقنىڭ بېشارىتى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان؛ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىمۇ بىر ماقالىسىدە «سايلامدا كىم ئۇتسا ئۇتسۇن، بۇ دېموكراتىيىنىڭ غەلىبىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ 200 يىللىق سايلام تارىخىدىكى پاسكىنا بىر سەھىپە بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىدا بۈگۈن بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكا سايلىمى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلىرىنى دېموكراتىيەدىن قورقۇش دەپ ئىزاھلىغان.