ئامېرىكا تېررورلۇق مەسىلىسىدە نېمىشقا خىتاينىڭ گېپىگە ئىشەنگەن؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-11-11
Share

10-نويابىر ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا «ئامېرىكا تېررورلۇق مەسىلىسىدە نېمىشقا خىتاينىڭ گېپىگە ئىشەنگەن؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا نېمىشقا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررولۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پامپېيو 10-ئاينىڭ 20-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن. چۈنكى خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بولۇپ، مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەسلىدە 2001-يىل 10-ئايدا ئامېرىكا پرىزىدېنى جورج بۇش «ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» دا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. 2002-يىل 3-ئايدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لورن كرىنېر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر ئاز كۆپرەك ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تېررورچى دېيىش خاتا» دېگەن. ئەمما خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى 90-يىللاردا 200 نەچچە قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىدى، 162 ئادەم ئۆلدى، 440 ئادەم يارىلاندى،» دەپ توختىماي يالغان تەشۋىق قىلىشى ۋە ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا 2002-يىل 8-ئايدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ تىزىملاپ قويغان. 2009-يىل 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان.

بۇ ماقالىدە يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: ئامېرىكا قوزغىغان «تېررورلۇققا قارشى جەڭ» پەيدا قىلغان ئىسلامىي فوبىيا (مۇسۇلمانلاردىن قورقۇش پىسخىكىسى) دىن خىتاي ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خەلقئاراغا تېررورچى كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ بۇ مىللەتكە بولغان قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بۆلگۈنچى، خەلقئاراغا تەھدىت سالىدىغان تېررورچى» دېگەن نام بىلەن قارىلاپ، ئۇلارنى باستۇرۇش ۋە يوقىتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن ۋە بۇنى يۇقىرىقى بەتناملار بىلەن خەلقئاراغا ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دە داۋاملىق تۇرغۇزۇشقا كۈچەپ كەلگەن؛ ھەتتا «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، يەنى 2002-يىل «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتكەن قارارى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا چىقارغان قارارى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلات خىتايدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بولسۇن، ھېچقانداق تېررورلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بارمىغان. 2003-يىل 10-ئايدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلات ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما خىتاي «بۇ تەشكىلات قايتا تىرىلدى» دەپ يالغان تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر ‹11-سىنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرمىگەن، ‹دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش› مەيدانغا كەلمىگەن بولسا، مەزكۇر تەشكىلاتمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغان بولاتتى.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت