ئەنگلىيەدىكى «تېز پويېز» گېزىتىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى يېقىندا بىر تىزىملىك ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ناۋادا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى قايسى نۇقتىلارغا ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى تەپسىلىي يەر ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ھۇجۇم نىشانلىرى» رادار، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مو جياچىن ئىسىملىك بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلات خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «دۆلەت مۇداپىئە سۆھبىتى» دە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەۋقەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دەپ قارىغان. ئاپتور دوكلاتتا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر تورى رادار نۇقتىلىرى ئارقىلىق تۇتاشقان بولۇپ، بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى پالەچ قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك، شۇندىلا ئۇلار ئۆز-ئۆزىدىن ھالاك بولىدۇ» دېگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىش مۇداپىئە سىستېمىسى» (CEC) نى «خاككېرلىق ئارقىلىق پالەچ قىلىپ قويۇش، ئاندىن شەكىل جەھەتتە راست ئۇچۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىنى مالىمانلاشتۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلىنغان.
نۆۋەتتە بۇ دوكلاتنىڭ قانداق بولۇپ ئېلان قىلىنىپ قالغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشىدا رەسمىي يوسۇندا پايدىلىنىش قوللانمىسى بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر خۇلاسە ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى مەلۇم.