مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جاجىسىنى بېرىدىغانلار ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدۇر»

«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي تەرەپنىڭ ئىپادىسى ھەربىي قوشۇننى كېڭەيتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەكس ئەتكەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دېڭىزدا ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن راكېتا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھازىرقى سەۋىيەسىدە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان تەۋەسىدە ھۆكۈمران بولۇش چۈشىنى ئوڭايلا بىتچىت قىلىۋېتەلەيدىكەن.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوت فىلوتى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان تەۋەسىدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئارمىيەسى يېقىنقى يىللاردا دېڭىز ئارمىيەسىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئاۋىياماتكا سانىنى ئۈچكە يەتكۈزۈپ بولغان ھەمدە بۇنى داۋاملىق كۆپەيتىش كويىدا بولۇپ كەلگەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئاقىللار مەركىزىدىن «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) نىڭ دوكلاتىدا بۇ ئەھۋاللار تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى خىتاينىڭ مۇداپىئە رايونىغا سۇ ئاستىدىن شۇڭغۇپ كىرىپ خىتاي دېڭىز فىلوتىنى ئوڭايلا پاچاقلاپ تاشلايدۇ» دېيىلگەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، دېڭىز ھۇجۇمى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى دۈشمەن پاراخوتلىرى ئۈچۈن جان ئالغۇچى ئەزرائىلغا ئوخشايدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى بايقاش ۋە ئۇنى چۆكتۈرۈۋېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوت فىلوتىغا ئىگە. يادرو كۈچىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئەنە شۇ يوسۇندا تەيۋەن بوغۇزىدىكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ۋە پاراكەندە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۆتكىلىش ئىقتىدارىنى غايەت زور دەرىجىدە چەكلەپ قويالايدۇ.