ئامېرىكا خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىغا چەكلىمە قويماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.02

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) لىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارماقچى بولغانلىقى بىلدۈرگەن. بۇ بەلگىلىمە بويىچە، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئامېرىكا زېمىنىدا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

 «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 2-يانۋار بەرگەن بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇرۇن، ئادەمسىز ئۇچقۇ تىجارىتى قىلىدىغان شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىكەن؛ ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىنى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بەلكىم ئۇلارنى يىراقتىن كونترول قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

 ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسلىق نىشاننىڭ خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىگە چەكلىمە قويغاندىن باشقا، مۇھىم نىشاننى يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، بولۇپمۇ مىكرو ئۆزەك (چىپ) ۋە يۇمشاق دېتاللىرى قوللىنىلغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى چەكلەشكە قارىتىدۇ».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندە قارار قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىغا زەربە بەرگەن بولۇپ، باش ئىشتابى خىتايغا جايلاشقان DJI ۋە Autel Robotics شىركەتلىرى ياسىغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىشى چەكلەنگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، DJI شىركىتى يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسا، خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.