ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.11

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) 12-ئاينىڭ 10-كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا تا ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباس، كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت ۋە تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

10-دېكابىر كۈنى، ب د ت «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 76-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

 «بىز خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكلەرنى چەكلىشىگە ھەم دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز. كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى قوغدىغانلىقى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەنلىكى، دىن ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت ۋە راھىلە داۋۇت قاتارلىقلارنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىمىز».

باياناتتا يەنە، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى «ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.