مايك گالىگېر: «ئامېرىكا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قاتتىقراق كۈچ ئىشلىتىشى كېرەك»
2023.05.31
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە خىتاينىڭ بېسىمىنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك 10 تۈرلۈك پىلاندا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallager) 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكانىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىدىن «فوكس» تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ توپلاش ۋە پۇختا تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مايك گالىگېر مۇنداق دېگەن: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن شۇنى بىلدۇقكى، زامانىۋى ئۇرۇشتا سىز ھەربىي قوراللىرىڭىزنى ناھايىتى تېزلا ئىشلىتىپ تۈگىتىسىز. شۇڭا بىز ھەربىي رايونىمىزغا قورال-ياراق، ئوق-دورىلىرىمىزنى كېچىكمەستىن توپلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغىمۇ بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن باش قوشۇپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە قالماسلىق ئۈچۈن، كۈچلۈك دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي چىقىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر پىلان تۈزۈشىمىز كېرەك».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە 75 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەرگەن. ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە، ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن تەڭ ھەربىي كۈچىمۇ خورايدىكەن، ئەگەر ئامېرىكانىڭ قورال زاپىسى قۇرۇقدىلىپ قالسا، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەسكە توختايدىكەن.
مايك گالىگېر تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز 190 مىليارد دوللارلىق قورال سىستېمىسىنى تەييارلاپ قويدۇق، تەيۋەن ئۇنى سېتىۋالدى، ئەمما بىز تېخى ئۇنى تاپشۇرۇپ بەرمىدۇق. بىز ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزدە زاپاس ساقلانغان بىر يۈرۈش قوراللارنى چىقىرىپ، ئىككى يىل ئىچىدە تەيۋەنگە بېرىشىمىز كېرەك. بىز شى جىنپىڭ بىلەن تىللىشىپ يۈرمەي، ئۇنىڭغا قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشمىز كېرەك، بولمىسا كېچىكىمىز ۋە بۇ ئۇرۇشقا ھېچ تەييارلىقسىزلا كىرىپ قالىمىز».
مايك گالىگېر ئامېرىكانىڭ خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرۇشتىكى ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تەيۋەن ئۇرۇشىنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى، گەرچە خىتاينى ئارقىغا ياندۇرۇش مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋە بالايى ئاپەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.