ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى پۇل كۇرسىنى سۈنئىي توۋەن تۇتۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان
2016.06.19
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى سۈنئىي توۋەن تۇتۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەك لېۋ خەلق پۇلىنىڭ ئالماش تۇرۇش قىممىتىنى توۋەن تۇتۇش ۋە ئېكسپورتقا تايانغان ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ كونا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتىكى ئاجىز دۇنياۋى ئىقتىسادىي ئۆسۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يېڭى بىر قاتار جىددىيچىلىككە سەۋەب بولىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى ئاۋغۇستتا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى يەنە چۈشۈرگەن ۋە پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
«ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي خەلق پۇلى كۇرسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ۋە باشقىلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتىن بۇ يىل مارتقىچە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن 473 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي بانكىسىدىكى بىر خادىم ئىشەنچىنىڭ ھەممە نەرىسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بازارغا ئارىلىشىش چىقىمىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدىغانلىقى، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىغا قارىتىلغان ئىشەنچ يوقالسا بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى لېۋ خىتاينى يەنىلا خەلق پۇلىنىڭ كۇرس مەسىلىسىنى بازارغا قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ۋە بۇنىڭ خىتاي بۇ ھەقتە بەرگەن ۋەدىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئۇنداق دېگەن: «بازاردا پۇل كۇرسىنى تۆۋەنلىتىدىغان بېسىم بولسا خىتاينىڭ ئۇنىڭغا يول قويۇشى بىر مەسىلە، ئەمما خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرغان تۇرمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھەقىقىي ئىسپات بولسا، بازاردا پۇل كۇرسىنى ئۆستۈرىدىغان دولقۇن شەكىللەنگەندە خىتاينىڭ ئۇنىغىمۇ يول قويۇشىدا.»
يىللاردىن بېرى خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن توۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا يول ئاچقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا خىتاي تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە قويۇپ بېرىشكە قاراپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى تەڭشەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لېۋ يەنە خىتاي بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ پەقەت گەپ پېتى قېلىپ قالماي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.