باش ئەلچى نىكولاس بۇرنس: ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى قۇرۇلما خاراكتېرلىك رىقابەت
2024.10.24
ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئامېرىكانىڭ NBC تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان بىر سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ رىقابەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاسانلىقچە ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، «ئامېرىكا خىتاينىڭ سۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز قۇرۇلما خاراكتېرلىك رەقىبلەردىن ھېسابلىنىمىز. شۇڭا مەن بۇ رىقابەتنى كەلگۈسى ئون يىلغا سوزۇلىدۇ، دەپ قارايمەن. بىز چوقۇم رىقابەتلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن.
باش ئەلچى نىكولاس بۇرنىس 23-ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن بۇ مەخسۇس زىيارىتىدە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئەڭ چوڭقۇر پەرق شۇكى، بىز ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشىنىمىز، شۇڭا بىز شىنجاڭدا، تىبەتتە، خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھەمدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئەيىبلەيمىز.»
نىكولاس بۇرنس خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىدلەپ، «خىتاي ئۆزىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ دەيدۇ، بىراق ئۇ دەل ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدىكى بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى» دېگەن.
نىكولاس بۇرنىس يەنە، خىتاي ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئامېرىكالىقلار بىلەن خىتايلارنى ئۇچراشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان 94 قېتىملىق پائالىيەتكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارغا پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتىپ، «خىتاينىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ بىلەن ھەرىكىتى بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك» دېگەن.
نىكولاس بۇرنىس بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئىنتايىن ئېنىقلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە خىرىسقا تولغان مۇناسىۋەت. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدىغان مۇناسىۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.