ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىگە قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە يولغا قويماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.02

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «جاسۇسلۇققا قارشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» نى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بالايى ئاپەتنىڭ بېشى» دەپ قارالغان، رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا ئامېرىكاغا ئەڭ ئېغىر جاسۇسلۇق ھۇجۇمى قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكاغا قارشى بىللە جاسۇسلۇق قىلىشقا دەۋەت قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكانىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرىمىز بىزگە قارشى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىزگە تەھدىت شەكىللەندۈردى. خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخى تولۇق بايقالغىنى يوق».

«جاسۇسلۇققا قارشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» دە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شىركەتلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى شىركەتلىرى ياكى سودا شېرىكلىرى ئۆز تور بەتلىرىگە يۇقىرى ئىقتىدارلىق تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئاقىۋەتتە، ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن تارتىپ دۆلەت ئورگانلىرىغىچە بۇ جاسۇسلۇقنىڭ نىشانىغا ۋە قۇربانىغا ئايلىنىش خەۋپى كۈچەيگەن.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەقىب دۆلەتلەر خۇسۇسىي شىركەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. مەسىلەن، رۇسىيە خۇسۇسىي شىركەتلەرنى ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدىكى سايلىمىغا ئارىلىشىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايمۇ دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى شىركەتلىرى ئارقىلىق يالغان، ساختا تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جاسۇسلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ يول خەرىتىسى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.