نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىمىگە ياردەملەشكەن بىر نەپەر ساقچىسىنى ئىشتىن بوشاتقان
2024.05.23
«شەھەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسى بۇ يىل 2-ئايدا لى فامىلىلىك بىر ساقچى ئەمەلدارىنى ئىشتىن بوشاتقان. سىتىۋىن لى ئىسىملىك ساقچى ئەمەلدارى ئەسلى خىتايدىن بولۇپ، ئۇ نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار تارمىقىدا ئىشلىگەنىكەن. ئۇنىڭ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە چېتىلىپ قالغانلىقتىن ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى ۋەقەسى يېقىندا، نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام خاتىرىسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، سىتىۋىن لى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2021-يىلى كۈزگىچە بولغان ئارىلىقتا سۈن خوييىڭ ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزدەپ يۈرگەن بىر كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىغا ياردەم قىلغان. سۈن خوييىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكاغا كېلىپ، «تۈلكە ئوۋلاش» دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ ھەرىكەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى تېپىپ خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، سۇن خوييىڭ ئىزدەۋاتقان كىشى 2001-يىلى خىتايدا شىركەت پۇلىغا خىيانەت قىلدى، دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنىكەن.
سىتىۋىن لىنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە بەرگەن ئىپادىسىدە، ئۆزىنىڭ سۈن خوييىڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىتىۋىن لىنىڭ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ياكى ئۇلاردىن پۇل ئالغانلىقىغا دائىر ئىسپات بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئۆز تارماقلىرىغا خەۋەر قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشىتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي مىللىتىدىن كېلىپ چىققان باشقا بىر ساقچىمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئىشتىن بوشىتىلغانىكەن. سۈن خوييىڭ بولسا ئامېرىكا دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.