ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ شىركىتىنى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.07

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بولغان «تېڭشۈن» (Tencent) بىلەن «نىڭدې دەۋرى» (CATL) نى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئۈندىدار (WeChat) نىڭ باش شىركىتى بولغان «تېڭشۈن» خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكا شىركىتى ھېسابلىنىدۇ.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلۈشى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ دەپ قارالغان. ئامېرىكانىڭ «تېڭشۈن» نى چەكلەيدىغانلىقى خەۋىرى چىققان ھامان بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى 7.3 پىرسەنت چۈشۈپ، بازار قىممىتىدىن 35 مىليارد 400 مىليون دوللارنى يوقاتقان. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باتارېيە ياساش شىركىتى بولغان «نىڭدې دەۋرى» نىڭ پاي چېكى 2.8 پىرسەنت چۈشۈپ، بازار قىممىتىدىن 4 مىليارد 400 مىليوننى يوقاتقان.

بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى زور دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر بۇنىڭ بىر «خاتالىق» ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئۇنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكا تەرەپ خىتاي ئارمىيەسىگە خىزمەت قىلغىنى ئۈچۈن چەكلىمە قويغان خىتاي شىركەتلىرى 134 كە يەتكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرىغا چېتىلغان چوڭ شىركەتلەر بولۇپ، ئامېرىكا ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاپ كەلگەن. گەرچە بۇ قېتىم تېڭشۈن بىلەن «نىڭدې دەۋرى» شىركىتىنى چەكلەش دەرھال ئىجرا قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. يۇقىرىقى ئىككى شىركەت بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشقان. نۆۋەتتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ يۇقىرىقى ئىككى شىركەتكە ئىقتىسادىي جازا بېرىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.