پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي بىلەن سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.24

يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 23-يانۋار كۈنى شىۋېيتسارىيەدىكى داۋوستا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» دە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ھەقسىزلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى، بۇنى ئۆزگەرتىپ يېڭى ئىقتىساد تەرتىپى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىنى توختىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىرېزىدېنت ترامپ 21-يانۋار كۈنى ئىمزالىغان بۇيرۇقىدا، ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش ئۈچۈن، خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى يەنە 10 پىرسەنت ئاشۇرىدىغانلىقىنى، مېكسىكاغا ب 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بۇنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. دونالد ترامپ «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» دە قىلغان سۆزىدە، ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئادىل سودا تەرتىپى قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايغا قوشۇلغان 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنىڭ سەۋەبىگە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

«فوكس خەۋەرلىرى» تورى 23-يانۋار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەت تەڭپۇڭسىزلىق ئەمەسلىكى، بەلكى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكاغا فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن كىرگۈزۈۋاتقانلىقى، شۇڭا ترامپنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە مېكسىكاغا قاراتمىلىق ھالدا تاموژنا بېجى قويغانلىقى بايان قىلىنغان.

23-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولېنار بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى «ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» دەپ ئاتالغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن «دائىملىق نورمال سودا مۇناسىۋىتى» ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش مەقسەت قىلىنغان. پىرېزىدېنت ترامپ بەرگەن مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن قايتا تونۇشتۇرۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا بىلەن ئادىل سودا قىلمىغان خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى تۈگىتىشمۇ مۇھىم نىشان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.