ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا يەنە 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
2025.02.27
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 27-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ماللىرىغا يەنە 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى، بۇ باجنىڭ 4-مارت كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
NBC خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر نەپەر ئاقساراي ئەمەلدارى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ماللىرىغا بۇندىن ئىلگىرى قويۇلغان 10 پىرسەنت باج بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي باجنىڭ جەمئىي 20 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى مېكسىكا ۋە كاناداغا قويۇلغان، ئەمما ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىمۇ 4-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن.
پىرېزىدېنت ترامپ خىتايدا ياسالغاندىن كېيىن كانادا ۋە مېكسىكا چېگرالىرى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان، يۈز مىڭلارچە ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانېلنى چەكلەش ئۈچۈن، كانادا ۋە مېكسىكا چېگرالىرىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنى 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى بىلەن جازالىغان، ئەمما تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن بۇ جازا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان ئىدى.
پىرېزىدېنت ترامپ، 27-فېۋرالدىكى ئۇچۇرىدا كانادا ۋە مېكسىكانىڭ فېنتانىلنى چەكلەش ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا زور كۆلەمدە زەھەرنىڭ داۋاملىق كىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىلگىرىكى تاموژنا بېجىنىڭ پىلان قىلىنغان ۋاقىتتا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.