ئامېرىكا ۋە خىتاي بىر قاتار سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-05-14
Share

ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ كالا گۆشى ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسنىڭ 12-ماي ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ئىككى دۆلەت تاشقى سودىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەم سوممىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن سودىدا ئامېرىكا تەرەپتە 370 مىليارد دوللار قىزىم رەقەم كۆرۈلگەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ پىكىر بىرلىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار ئىككى پارچە پرېزىدېنت بۇيرۇقنامىسىگە ئىمزا قويۇپ ئارىدىن بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندە ئوتتۇرىغا چىقتى.

پرېزىدېنت ترامپ 31-مارت ئىككى بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مۇپەسسەل كۆزدىن كەچۈرۈشكە بۇيرۇغان.

مەزكۇر بۇيرۇقنامە ئىمزالىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن پرېزىدېنت ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى فلورىدادىكى تۇرالغۇسىدا كۈتۈۋالغان. ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، بولۇپمۇ سودا جەھەتتىن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. بىز خىتاي بىلەن بىرلىكتە 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى جاكارلاۋاتىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم بويىچە خىتاي ئامېرىكا گۆش مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا نەچچە يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا خىتايدىن كىرگۈزىدىغان ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان چەكلىمىنى يۇمشاتقان. كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا خىتايدىن پىشۇرۇلغان ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىكەن.

كېلىشىمدە يەنە ئامېرىكىنىڭ كرېدىت كارتا سىستېمىسى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازلىرىنى خىتاي بازىرىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.

كېلىشىم بويىچە، خىتاي تەرەپ 16-ئىيۇلغىچە ئامېرىكا كالا گۆشلىرىنىڭ خىتايغا ئىمپورت قىلىنىشىغا يول قويىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا كالا گۆشلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا 2003-يىلىدىن باشلاپ چەكلىمە قويغان. مەزكۇر چەكلىمە ئۆتكەن يىلى بەزى شەرتلەر ئاستىدا بوشىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي سېتىۋالغان كالا گۆشى ئىنتايىن ئاز بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ نۆۋەتلىك كېلىشىم ئامېرىكا باقمىچىلىق ساھەسىنى خۇرسەن قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت