مۇتەخەسسىسلەر: «ئا ق ش ھۆكۈمىتى خىتاي سەۋەبىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.28

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە قاتماللىق داۋام قىلىۋاتقاندا سابىق ئامېرىكا دىپلوماتلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان نەچچە تىرىليون دوللارلىق مەسىلە سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن،» دېدى.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «سودا چەمبىرىكى» نىڭ 28-ئىيۇندىكى باش ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاق ساراي ئۆتكەنكى ھۇجۇم باسقۇچىدا خىتاينى سودا قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا سودا قىلىشقا ئۈندىگەن بولسا، ئەمدى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق «سودا ئۇرۇشى» دىن بىراقلا خالىي بولۇشقا مايىل بولماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاق ساراي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان توۋارلىرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن «قىساس» ئالماقچى بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان بارلىق ماللىرىغا شۇنداق قىلىشى زۆرۈر بولىدىكەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى خوسۇك لې بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر ئىش ئۇ دەرىجىگە بارسا ئۇ ھالدا ئامېرىكا خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ، دېسەك بولىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش ئامېرىكا ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس،» دېگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ۋە ياپونىيە ئۇلار ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان «خىتاي مەسىلىسى» نى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە باش قاتۇرماقتا ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دونالد ترامپ 200 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى ئوتتۇرا باسقۇچلۇق سايلام مەزگىلىدە ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تولىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ 11 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە قوللىشىدا بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنىڭ ئاياغلىشىشىنى ئىستەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.