ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەزى نازۇك تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان
2024.10.29
«تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم نازۇك تېخنىكىلار ساھەسى بويىچە خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان. بۇ تېخنىكىلار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتى ۋە ئىستىخبارات قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر» دەپ قارالغان.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ تېخنىكىلار سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip)، ئېلېكتىرونلۇق لايىھەلەش يۇمتاللىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، گېن ئەۋرىشكىسىگە دائىر تېخنىكىلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغان. بۇ قارار بويىچە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدا بۇ تۈردىكى قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن زاۋۇت ئېچىشقا ياكى خىتاي بىلەن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار سودىسى قىلىشقا بولمايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بۇيرۇق 2025-يىلى 2-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ تەدبىرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە قايسى دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە قول تىقىشىنى چەكلەش، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كومپيۇتېر خاككېرلىقى ۋە جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان. باياناتتا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «بىر يۈرۈش تېخنىكىلار ھەربىي ئىشلار، تور بىخەتەرلىكى، نازارەت ۋە ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلادلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر بۇيرۇقتىن بەكمۇ راھەتسىز بولغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.