ئامېرىكا مەجلىس ئەزالىرى پرېزىدېنت بايدىندىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە سىياسىي مەھبۇسلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان
2023.11.09
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى پرېزىدېنت بايدىننى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.
9-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي پرېزىدېنت بايدىنغا خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلار ھەمدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە بۇ تىزىملىكنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
كېلەر ھەپتە ئامېرىكانىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» (Asia-Pacific Economic Cooperation forum) ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا پرېزىدېنت بايدىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت بايدىنغا ئەۋەتكەن تىزىملىكتە 40 كىشىنىڭ سىمى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت، قۇربان مامۇت، راھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى، شۇنداقلا لاگېرغا سولىنىپ كېسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن خەلچەم پازىل، مەريەم ئەمەت قاتارلىق مەھبۇسلارمۇ ئورۇن ئالغان.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى پرېزىدېنت بايدىنغا يازغان ئوچۇق خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە پرېزىدېنت بايدىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكادىكى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» ھەرىكىتىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.