كرىستوفېر كۇمو ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.03.12

ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، «دۆلەت خەۋەرلىرى» قانىلى رىياسەتچىسى كرىستوفېر كۇمو (Christopher Cuomo) 11-مارت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پەلەستىندىكى غەززەلىكلەر ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرسىمۇ، ئەمما نېمىشقا ئالاۋىلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق نامايىشلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

كرىستوفېر كۇمو ئۇيغۇرلار ۋە ئالاۋىلەر ھەققىدىكى بۇ سۆزلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ فېدېراتسىيە ياردىمىنى توختىتىشى ۋە خاماس پائالىيەتچىسى مەھمۇد خېلىلنى قولغا ئېلىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلىشىغا دائىر ئانالىزىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ماھمۇت خېلىل كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى خاماسنى قوللاش نامايىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ترامپ ھۆكۈمىتى خاماسپەرەس نامايىشچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، ھەتتا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىلىدىغان فېدېراتسىيە ياردىمىنى توختاتقان؛ شۇنىڭدەك ئامېرىكادىكى 60 تەك ئۇنىۋېرسىتېتتىكى يەھۇدىيلارنى كەمسىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانىدى.

كرىستوفېر كۇمو، غەززەدىكى مەنزىرىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى نارازىلىق بىلدۈرمە دېمەكچى ئەمەسلىكىنى، ئەمما غەززەلىكلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىردىنبىر مۇسۇلمان خەلق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سۈرىيەدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان خەلق بولغان ئالاۋىيلەرگە قارشى ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىنغان، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان، بالىلار ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىر خىتاي ئەمەلدارى ئۇلارنىڭ «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق يوپۇرغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

كرىستوفېر كۇمو: «بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا خىتاي يەھۇدىيلاردەك ئىغۋاگەرچى ۋە زۇلۇمكار ئەمەسمۇ» دەپ سوئال قويغان. كرىستوفېر كۇمونىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خاماسنى قوللاپ، ئۇيغۇرلار، ئالاۋىلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قۇلاق يوپۇرۇشتەك بۇ ۋەزىيەت «ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ سىياسەتنى مونوپۇل قىلىش ئويۇنى ۋە غەزەپلىنىش خۇمارىنى قاراتمىلىق شەكىلدە چىقىرىش ئۇسۇلى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.