ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلىدىكەن

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم سىياسىي ھادىسە سۈپىتىدە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى، جۈملىدىن ئۇيغۇر كرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەر ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلمەكچى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە ئامېرىكا جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تارىخ، سىياسەت فاكۇلتېتلىرى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ۋە تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دەرسلىك ماتېرىياللىرى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى كرىزىسنىڭ كېلىش سەۋەبى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تارىخىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنغان بۇ ئاچقۇچلۇق ماتېرىياللار ئىچىدە جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى جەمېس مىلۋارد (James Millward) نىڭ «ياۋروئاسىيانىڭ كېسىشكەن يولى −شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىتابى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس (Sean Roberts) نىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھۇجۇم: خىتاينىڭ شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى، ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دەررېن بايلېر (Darren Byler) نىڭ «لاگېر: خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈرگۈن جايى» ناملىق كىتابى قاتارلىق كىتابلار بار ئىكەن.