ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي گۈلشەن ئابباس بىلەن ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.12

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى 11-يانۋار كۈنى «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ھەرىكىتى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدىن گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليون كىشى سىياسىي مەھبۇس سۈپىتىدە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 11-يانۋار كۈنى «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ھەرىكىتى» قوزغاپ، ھەر قايسى ئەللەردىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 كىشىنى «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-يانۋار كۈنى «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ھەرىكىتى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدىن گۈلشەن ئابباس ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «پېنسىيەگە چىققان، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسىمۇ، داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان».

باياناتتا يەنە، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى بىلىش ۋە قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلار ھەرىكىتى» نى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلار ھەرىكىتىگە بىر يىل بولغان بىر پەيتتە، بىز تىلغا ئالغان تۇتقۇندىكى جەسۇر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، بولۇپمۇ كەڭ دائىرىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناھەق قامالغان ھەر بىر شەخسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىمىز» دېيىلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ چاقىرىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 23-يانۋاردىن باشلاپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدىغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خ سەھىپىسىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېندىن «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتقۇزۇشى» نى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.