ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىدى. ئۇ ھىندونېزىيەگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە ھىندونېزىيەلىكلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 29-ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى بولغان ھىندونېزىيەدىكى بىر مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھىندونېزىيەلىكلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم بىلەن كارى بولماسلىققا چاقىرغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قالتىس خۇشال ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. . . ئەمما مۇشۇنداق مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىغىنىڭىزدا پاكىتنى پەقەت قەلبىڭىزدىن ئىزدەڭ. پاكىتقا قاراڭ، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ كەچمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يۈز بەرگەنلەرنى ئاڭلاڭ.»
مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز رامازاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىشنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلىمىز.»
ھىندونېزىيە مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتلەنگەن، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشىگە تەۋە ناھدلاتۇل ئۇلىمالىرى ۋە مۇھەممەدىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى تەشكىللەپ. خىتايدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغان. ئۇلار ھەتتا غەرب مەتبۇئاتلىرىنى «خاتا مەلۇمات بەرگەن» دەپ ئەيىىبلگەن ئىدى. ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ھىندونېزىيە تاشقىيى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تېكۇ فايزاسيا پومپېيو ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇنىڭغا: «ھىندونېزىيە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى خىتايغا ئەسكەرتكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ھىندونېزىيە خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا ۋە شىنجاڭغا ئەركىن بېرىپ كېلىشكە يول قويۇشقا چاقىرىدۇ. ھىندونېزىيەلىكلەر ئۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشنى خالايدۇ،» دېگەن.