ئامېرىكادا تاجسىمان ۋىرۇسنى قەستەن تارقاتقانلارنى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدىغانلىقى جاكارلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قەستەن تاجسىمان ۋىرۇس تارقاتقانلارنىڭ «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جېفرېي روسېن 25-مارت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى ھەرقايسى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ۋە ئادوۋكاتلارغا يازغان كۆرسەتمىسىدە مۇنداق دېگەن:

«تاجسىمان ۋىرۇسنى قەستەن تارقاتقان شەخسلەر باشقىلارنى مەقسەتلىك ھالدا يۇقۇملاندۇرۇش ھەرىكىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدۇ. بۇ ۋىرۇس «بىئولوگىيىلىك ۋاكالەتچى» گە ئائىت قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتقا ماس كېلىدۇ. بىز بۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش تەھدىتى ياكى ئۇرۇنۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز»

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېمەكلىكلەرگە چۈشكۈرۈش، ئىشىك تۇتقۇچلىرىنى يالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق قەستەن باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىپ زور نارازىلىق قوزغىغانىدى.

CNN نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا 25-مارت كۈنى يۇقۇملانغۇچى سانى 64 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، 900 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان. مۇئاۋىن باش تەپتىش جېفرېي روسېن: «بىز بۇنداق جىددىي پەيتتە ئامېرىكالىقلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك.» دېگەن.

يۇقىرىدىكى كۆرسەتمىدە يەنە، ۋۇخەندىن تارقالغان تاجسىمان، يەنى كورونا ۋىرۇسى جىددىي ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇ ۋەھىمىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز كىرىم قىلىش، ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، سەھىيە خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ساختا دورا ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرى سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت