ئامېرىكادا خىتايغا قارىتا سەلبىي كۆز قاراشتىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ نىسبىتى كۆپەيگەن
2023.04.13
ئامېرىكادىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ (Pew Research Centre) ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىدە، خىتايغا قارىتا سەلبىي كۆز قاراشتىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
12-ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 3-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا قاتناشقان ئامېرىكالىقلارنىڭ 83 پىرسەنتى خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى «ئانچە ياخشى ئەمەس» دېگەن، «ئىنتايىن ياخشى ئەمەس» دېگەنلەر بولسا 44 پىرسەنت بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىن 4 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە خىتاينى «شېرىك دۆلەت» ياكى «رىقابەتچى ئەمەس»، بەلكى «دۈشمەن دۆلەت» دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپىيىپ، 38 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇنداق قاراشتىكىلەرنىڭ نىسبىتى 2022-يىلى 13 پىرسەنت بولغان ئىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە ئامېرىكالىقلاردا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسدىكى زىددىيەتنى «ئىنتايىن ئېغىر» مەسىلە دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى 47 پىرسەنت بولۇپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ «دۇنيا مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلالايدىغانلىقىغا» بولغان ئىشەنچىسىمۇ تۆۋەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى «خىتاي، ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ» دەپ قارىسا، يېرىمىدىن كۆپدەپ قارايدىكەن.
CNBC تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يۇقىرىقى بۇ كۆز قاراشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن «خىتاي دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ» دېگەن تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ راي سىناش 20-مارتتىن 26-مارتقىچە ئېلىپپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 3500 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن ئامېرىكالىق قاتناشقان.